تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 38- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

  دائىمىي كومىتېتنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 38- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا 7- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى (لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى (تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىچىك تىپتىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش قائىدىسى(تۈزىتىش لايىھەسنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»گە قاراپ چىقىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى (لايىھە)» تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى (لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولدا ماڭمايدىغان ماشىنىلارنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى» «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى> ۋە <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى تەكشۈرىدۇ؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى» «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش نىزامى»نى تەكشۈرىدۇ؛ يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى، 2018- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان ئاپتونوم رايون خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2017- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش تەس بولۇشنى ھەل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ. كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش»نى ھەل قىلىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، 2017- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى، ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، تارىم دەرياسى توغراقلىق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نۇقتىلىق رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى