تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىغا يېتىپ باردى

ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتى، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتى ۋە فىلپپىن جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىغا يېتىپ باردى

  11- ئاينىڭ 15- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مورېسبى پورتىغا يېتىپ كېلىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ھەم ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا باشلىدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئېيبور ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايروپىلان بۆلۈمچىسى پەشتىقى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ياڭ جىڭجۇڭ، لو جۈن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 15- كۈنى مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مورېسبى پورتىغا يېتىپ كېلىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ھەم ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان مورېسبى جېكسون خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىققاندا، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئېيبور ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايروپىلان بۆلۈمچىسى پەشتىقى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئۆسمۈرلىرى شى جىنپىڭغا گۈلدەستىلەرنى تەقدىم قىلدى. قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە، جەسۇر، قامەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قەددىنى تىك تۇتۇپ ھۆرمەتتە تۇردى.شۇ جايدىكى بېشىغا پەي بېزەك تاقىغان، بېلىگە پاخال كۆڭلەك باغلىغان، قولىدا تېرە دۇمباق كۆتۈرگەن ئۇسسۇل ئارتىسلىرى قىزغىن، روھلۇق مەرھابا ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. ئۆزلۈكىدىن يېتىپ كەلگەن شۇ جايدىكى ئامما، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىكى خادىملار، خۇاچياۋلار، جۇڭگولۇقلار ئايروپورتنىڭ سىرتى ۋە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشكەن جاينى ئورىۋېلىپ، قولىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەت. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە، تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن يەنە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ھەمكارلىق، تەرەققىيات زور پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلاپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۆ بىڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى. 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ باش ۋالىيسى دادائىي ۋە زۇڭلىسى ئونېل، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ سۇلتانى خاسانئال، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى ئونېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.