ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىغا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىنىپ، خوتەننىڭ سەي-كۆكتاتلىرى سېتىلدى. 11-ئاي كىرگەندىن بۇيان، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا كۈنىگە سېتىلغان خوتەننىڭ سەي-كۆكتاتلىرى 100 توننا ئەتراپىغا يەتتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ كارخانىلار، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بىلەن شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى توپ تارقىتىش كارخانىلىرى خوتەندە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى قۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئاچقان.