ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ما مېڭجيې، جاڭ خۇييۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى مەتە كەنتىدىكى ئاسىممەمەت مەنزىلنىڭ ناۋايخانىسىدا 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 5:00 تە كۈن تېخى يورۇمايلا بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىق باشلاندى.
تۇرسۇن بۈگۈر بازىرى مەتە كەنتى ئاھالىسى، ئۇنىڭ يېرى كەمچىل، كىرىمى ئاز بولۇپ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى مەتە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كەنتتىكى ناۋايخانىدىن خىزمەت ئۇقۇشۇپ بەردى.
«خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا خىزمەت تېپىپ بەرگىنىگە رەھمەت، ھازىر ئايالىممۇ بۇ يەردە ئىشلەيدۇ، ئىككىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى 7000 يۈەنگە يېتىدۇ. كىرىمىمىزنىڭ ئېشىشى بىلەن تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى!» نان يېقىش تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرسۇننىڭ ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەنگە يەتتى، ئايالىنىڭ ئىش ھەققىنى قوشقاندا ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 7000 يۈەنگە يېتەتتى.
خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نان يېقىش ئاساسىغا ئىگە بولۇش ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكى ناۋايخانىلارغا ئادەم كۈچى ۋە سېتىش يوللىرىنى ئۇقۇشۇپ بەردى، خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى ناۋايخانىدا تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.