تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    11-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان تورى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىستېمال ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، بالىلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا ئىمكانقەدەر پىشىپ يېتىلگەن كونا ماركىلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش، بالىلارغا ياققان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئالدىراپ ئالماشتۇرماسلىق ھەققىدە ئەسكەرتكەن ئىدى.
    دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلارغا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا تۆۋەندىكى ئاساسىي پىرىنسىپلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: ئىمكانقەدەر كەسپىي، مۇنتىرىم بولغان بالىلار تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامال بار كونا ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بازار تەجرىبىسى بار، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ يۇقىرى؛ رېتسىپ تەركىبى بىر قەدەر ئاددىي، خۇشپۇراق ماتېرىيال، ئىسپىرت ۋە رەڭلىگۈچ ئىشلىتىلمىگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، مەھسۇلاتنىڭ بالىلارنىڭ تېرىسىنى غىدىقلاش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش لازىم؛ ئامال بار كىچىك ئورالمىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش كېرەك. چۈنكى بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ھەر قېتىم ئازراقلا ئىشلىتىلگەچكە بىر مەھسۇلاتنى خېلى ئۇزاققىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە ئورالمىسى بەك چوڭ بولمىغان مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش كېرەك.
    ئەسكەرتمە:
    چوڭلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    يۈزىڭىزگە ماي سۈركىگەندە بالىڭىزنىڭ يۈزىگىمۇ ئازراق سۈرۈپ قويامسىز؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چوڭلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى تەركىبىدە تېرە ئاقارتىش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش دېگەندەك فۇنكسىيەلىك تەركىبلەر بولىدۇ، بۇ تەركىبلەر بالىلارنىڭ يۇمران تېرىسىدە بىر قەدەر كۈچلۈك غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، بالىلارنىڭ تېرىسىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى