ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر مىن يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ قاراماي شەھىرىدە قار يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، شەھەر ئەتراپىدا ماكانلاشقىلى خېلى كۈنلەر بولغان فىلامىنگو قۇشى سوغۇق چۈشۈپ كۆل يۈزى مۇز تۇتۇشتىن بۇرۇن، جەنۇبقا كۆچۈش سەپىرىنى باشلىۋەتتى.
بۇ قۇشنى قاراماي شەھىرىدە ئەڭ ئاۋۋال بايقىغان قاراماي شەھىرىدىكى قۇشلارنى كۆزىتىش ۋە سۈرەتكە تارتىش ھەۋەسكارى جاۋ يۈچىننىڭ ئېيتىشىچە، فىلامىنگو قۇشى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە قارامايغا ئۇچۇپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ فىلامىنگو قۇشى تارقالغان رايون ئەمەس شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆچۈش سەپىرىدە بېسىپ ئۆتىدىغان جايىمۇ ئەمەس ئىكەن، ئەمما، يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قومۇل، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، مورى قاتارلىق جايلىرىدا قۇشلارنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك كۆچۈش مەزگىلىدە فىلامىنگو قۇشىنى ئۇچراتقىلى بولغان.
11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ تېيىز سۇدا شەكىللەنگەن سۇلۇق يەر مۇز تۇتۇشقا باشلىغان بولۇپ، فىلامىنگو قۇشىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ جەنۇب سەپىرىنى باشلىغان.