شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق تىجارەت باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تىجارەت باشلاش پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە سەككىز كۈن داۋاملىشىدىكەن. پائالىيەت داۋامىدا ئورۇندىلىدىغان نادىر نومۇرلارغا شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە سەنئەت نومۇرلىرى ۋە مودا ئېقىم ئامىللىرى مۇجەسسەملەنگەن ئىكەن.
مۇز ئۆي يېمەك-ئىچمەك كوچىسىدا پات ئارىدا بىر يۈەن بىلەن تېتىپ بېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە، بىر يۈەنگە كاۋاپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، سامسا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېگىلى بولىدىكەن. پىيادىلەر كوچىسىدا 10 يۈەنگە بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، كۆپ خىل ئالاھىدە مەھسۇلاتنى تاللاپ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.