شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-ئاي كىرىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان شىتەي ناھىيەسى ئاجايىپ رەڭدار قويۇق كۈز تۈسىنى ئالغان بولۇپ، باش قىشنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغانىدى، فوتوگراف بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىلىدى.
شىتەي ناھىيەسى بولسا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %84.5كە يېتىدۇ، شىتەي ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، «تاغ، سۇ، ئۆڭكۈر» بىر گەۋدە قىلىنغان، بۇ جايدا گۇنيۇۋجياڭ مەنزىرە رايونى ۋەكىللىكىدىكى ئېگىز تاغ مەنزىرىسى، چيۇپۇخې دەرياسى ۋەكىللىكىدىكى سۇلۇق يەر مەنزىرىسى، پېڭلەيشيەن ئۆڭكۈرى ۋەكىللىكىدىكى ئۆڭكۈر يەر شەكلى، داشەنفۇشى كەنتى ۋەكىللىكىدىكى سەھرا مەنزىرىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر بار.
ۋاڭ فەن فوتوسى