تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ تارىخىي تومۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلايلى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئىلھام سابىر

  19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» خاتا پىكىر ئېقىمى شىنجاڭغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى ھە دەپ بۇرمىلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە قارا چاپلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىشقا قايمۇقتۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ناھايىتى زور خەۋپ يەتكۈزدى. ئۇيغۇرلاردا «يىلاننىڭ زەھەرلىك چىشىنى يۇلۇۋەتسە يېرىم كۇلاغا ئوخشايدۇ» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم»ئىدىيەسى دەل «ئۈچ خىل كۈچ »تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك يىلاننىڭ «زەھەرلىك چىشى»، بىز چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «چىشنى سۇغىرىپ، يىلاننى ئۆلتۈرۈپ»، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق، مۇقىم، خاتىرجەم ياشايدىغان بەختلىك تۇرمۇشىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغانلار شۇنى بىلىدۇكى، بىر تەرەپتىن، ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلىدىغان دىنمۇ ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي دىن ۋە شامان دىنىغا، كېيىن زوروئاستىر دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، ھازىرغا قەدەر بىرقىسىم ئۇيغۇر ئاممىسى يەنىلا بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىز تارىخىدا شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان ئەمەس، قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» دېگەن نەرسە تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر ۋە تۈركىيەلىكلەر بىلەنمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. «ئۈچ خىل كۈچ» تارقاتقان «يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان»، «مىللىتىمىز تۈرك»، «دىنىمىز ئىسلام» دېگەندەك بىر قاتار سەپسەتىلەرنى باشقا غەرەزدىكى كىشىلەر تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۇنىڭ ھەم تارىخىي ئاساسى يوق، ھەم ئەمەلىي پاكىتلىرىمۇ يوق، مەزمۇنى ئىنتايىن بىمەنە بولۇپ، مەقسىتى ئىنتايىن رەزىل، تەسىرى ئىنتايىن ناچار.

  شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەندىن ئىبارەت ئانىنىڭ غەمخورلۇقىدا، تېخىمۇ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىپ، ھەمكارلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن، كۆپچىلىك پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئويلىشى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق تونۇشى، كىملەرنىڭ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، كىملەرنىڭ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، زوراۋان- تېررورچىلار، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەردىن ئىبارەت بۇ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خىرىسىنى مەغلۇپ قىلمىغاندا، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ، تەرەققىياتمۇ ياخشى مۇھىتقا ئېرىشەلمەيدۇ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تازىلاش، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم قورالى قىلىشىمىز، داۋاملىق جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «پانئىسلامىزم»، « پانتۈركىزم» ئىدىيەسى تەلتۆكۈس تۈگىمىسە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى توختاتماسلىقنى، «ئۈچ خىل كۈچ» يوقالمايدىكەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشنى توختاتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم»دىن ئىبارەت خاتا ئىدىيەنىڭ زەھەرلىك يىلتىزىنى تەنقىد قىلىش جەھەتتە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ساپايىمىزنى ۋە جەڭ قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىگە رەددىيە بەرگەندە ئېنىق سۆزلىيەلەيدىغان، سۆزلەپ يېڭەلەيدىغان ۋە سۆزلەپ قايىل قىلالايدىغان بولۇشىمىز، توغرا بولغان شىنجاڭ تارىخى ۋە ماركسىزملىق «بەش قاراش» ئارقىلىق «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىشىمىز، گۇمانسىز پاكىتلار ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە جىنايى سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلىشىمىز، ئېنىق مەيدان ۋە قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن ھەرمىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈش، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت»دېگەن قائىدىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقىنى قەتئىي تۈگىتىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ۋاقتىدا بايقىشىمىز، ۋاقتىدا تازىلىشىمىز كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغىنى ۋە زىيان سالغىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىدۇر. بىز سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ھەر قانداق سورۇندا مەردانىلىك بىلەن تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىنى توسۇشقا توغرا كەلسە توسۇپ، دوكلات قىلىشقا توغرا كەلسە دوكلات قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. بىز «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رېئال خەۋپىنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق تونۇشىمىز، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تارتىپ چىقىرىشىمىز، پاكىز تازىلىشىمىز، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قايتا- قايتا قاتتىق ئەيىبلەش داۋامىدا، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاپ، ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە، بىز كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئىممۇنىتېت كۈچى»نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭنىڭ مىللەت، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە قارىتا توغرا تونۇشقا ئىگە بولۇشقا تەربىيەلىشىمىز، ئاڭلىق ھالدا «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى