تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون قىش ۋە ئەتىيازلىق ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر تەھلىل قىلىندى، جايلاردىن تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى؛ دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جەمئىيەت كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان سۇ تىزگىنلەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى؛ سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق تېزلىتىش؛ خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ سۇ بۇزۇۋەتكەن قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچلۈك سۇچىلىق ئاساسىي كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش- قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش- ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش؛ سۇچىلىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ بۇ يىلقى 99 تۈرلۈك ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تېز تاماملاش؛ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش، سۇ ھوقۇقى سودىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق سۇچىلىق ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى