تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قوللىنىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى

  چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قوللىنىش نەق مەيدان يىغىنى پوسكامدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قوللىنىش ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ئۆگىنىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇش ۋە سۇپىنى قوللىنىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرا، ئىشەنچلىك، بىخەتەر، قولاي سانلىق مەلۇمات تىرىكى ۋە تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، بۇ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىنىڭ ياردىمىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا- كەنتلەر نەقلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، قەشقەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىقتىدارى تولۇق، ماسلىشىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىخەتەر، مۇقىم، كاپالەتلەندۈرۈشى كۈچلۈك بولغان نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش- مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئېچىش، قۇرۇش كېرەك. دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، ئەرزان- قولاي بولۇش، بىرلىككە كەلگەن- يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، خاسلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش، قۇرۇش بىلەن ئىشلىتىشنى تەڭ قوللىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مۇھىم، زور بۆسۈشنى تېزدىن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نىشان- ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن، سانلىق مەلۇمات مەركەزلەشتۈرۈلگەن، مۇلازىمەت تۆۋەنگە ئۇزارتىلغان، ئالاقە راۋانلاشتۇرۇلغان، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ھەرىكەتچان باشقۇرۇلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش كېرەك. خەلق ئىشلىرى، مالىيە، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى بىرىكتۈرۈپ، سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى، ياردەم بېرىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «پۈتۈن ئاپتونوم رايون بىر تور» بەرپا قىلىش نىشانىنى كۆزلەپ، ئاساسىي ئۇچۇر، خىزمەت باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش- سېلىشتۇرۇش تارماق سىستېمىسى ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يان تېلېفون نامراتلارنى يۆلەش APP سىنى بەرپا قىلىپ، «تۇرغۇن ھالەتتىكى سانلىق مەلۇمات كۆرسىتىش، ھەرىكەت ھالىتىدىكى سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش شەكلى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نامايان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇچۇر توپلاش، خاتىرىلەش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئەستايىدىل دەلىللەپ تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، خاتىرىلىگەن، كىرگۈزگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈرۈشۈش تۈزۈمى، بىخەتەرلىك تۈزۈمى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قۇرۇش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى