تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزىگە تەئەللۇق گۈزەل كىشىلىك ھاياتقا قۇچاق ئېچىش

 ــــ شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى خىزمىتىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز (4)

  مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، شيې خۇيبيەن

  10- ئاينىڭ 9- كۈنى، كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى سانائەت رايونىدا، تەربىيەلەنگۈچى مەتقاسىم مەمەت (ئوڭدىن 3- كىشى) ئۆزى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كەسمە چۆپ زاۋۇتىدا، تەربىيەلىنىۋاتقان خىزمەتچىلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

      بۇ يەر ئەتىگەندىلا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى سانائەت رايونىنىڭ ئاساسىي كوچىسىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاچقان «ئەمىن» تاللا بازىرى، «ئۈمىد» لەڭمەنخانىسى، «مېھىر- شەپقەت» پولۇخانىسى قاتارلىق دۇكان- سارايلار ئەتىگەندىلا تىجارەت باشلىغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

  بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، ماھارەت كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ تەربىيەلىشىدە تەربىيەلەنگۈچىلەر خىزمەتكە ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن خىزمەت ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئايلاندى، نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى سېپى ئۆزىدىن بولغان دېھقانلاردىن كەسپىي ئىشچىلارغا ئايلىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بار بولدى، يەنە بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر باتۇرلۇق بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى.

  «ئۈمىد» لەڭمەنخانىسى ئۈمىدنى قاناتلاندۇردى

  تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، «ئۈمىد» لەڭمەنخانىسى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى، ھورى چىقىپ تۇرغان لەڭمەننىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ، ئۈستەلگە توختىماي توشۇلۇۋاتاتتى. ئاشخانىنىڭ ئىگىسى، 53 ياشلىق ئاتاۋۇللا مۇبارەكمۇ مۇلازىملىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

  ئاتاۋۇللا خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچى بولۇپ، بەش ئاينىڭ ئالدىدا 120 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «ئۈمىد» لەڭمەنخانىسىنى ئېچىپ، تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەردىن 16 نى ئاشخانىسىغا مۇلازىملىققا تەكلىپ قىلدى.

  «ئىلگىرى ئېزىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ھېڭىغا پېتىپ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغان ئىكەنمەن، تەربىيەلەشكە ئەمدىلا قاتناشقان چاغدا كەيپىياتىم بەك تۆۋەن ئىدى». بىر مەزگىل ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاتاۋۇللانىڭ قانۇن ئېڭى كۈچىيىپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئۆستى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن ئۈزۈل- كېسىل ئادا- جۇدا بولدى ھەم تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە ئىگىلىك تىكلەپ راۋاج تاپتى.

  ئاشخانىدا ئاساسلىقى لەڭمەن چىقىرىلىدىغان بولۇپ، قورۇمىلىرى خىلمۇخىل، گۈيرۇسەي، ئۆي قورۇمىلىرى، چەيزە گۆش قورۇمىسى قاتارلىقلار بار، بىر تەخسە لەڭمەن 12 يۈەن بولۇپ، باھاسى مۇۋاپىق، ئەرزان. ئاتاۋۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۈندە 400 تەخسىدىن 500 تەخسىگىچە لەڭمەن سېتىلىدۇ، پەمىمچە، دەسمايىنى تېزلا قايتۇرۇۋالالايمەن. مۇلازىملارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى تۆۋىنىنىڭ 2000 يۈەن، يۇقىرىسىنىڭ 3500 يۈەن بولۇپ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى.

  ئاتاۋۇللا ۋە مۇلازىملار لەڭمەنخانىنىڭ يېنىدىكى مەھەللىنىڭ ياتاق بىناسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئىشقا بېرىپ- كېلىشكە قولايلىق. ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە تۇرىدۇ، قىز نەۋرىسى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىنمۇ مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا قىزى ۋە كۈيۈئوغلىمۇ ئۇلارنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ، ئاتاۋۇللا ھەر قېتىم بالىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا كۆڭلى ئېچىلىپ، تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. ئۇ ئۈمىدنىڭ يېنىدىلا، ئالدىدىلا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى.

  ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: ئاپاممۇ گاھىدا كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ «كەنت پاكىز بولۇپ كەتتى، كەنتتىكىلەرنىڭ روھىي قىياپىتى ياخشىلىنىپ كەتتى» دەيدۇ، ماڭا يەنە «مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلگىن، ئەمدى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمىغىن» دەپ تەربىيە بەردى. ئاتاۋۇللا ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: مەن قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتكە قاتنىشىپ خاتا ئىش قىپتىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى تاشلىۋەتمەستىن، بەلكى قۇتقۇزۇۋالدى، مەن قانداقمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالايمەن!

  ھازىر بۇ ئائىلىدىكىلەر دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئاتاۋۇللانىڭ بەش ياشلىق قىز نەۋرىسى نۇرغۇن ناخشىلارنى ئېيتالايدۇ، ھەمىشە ئاتاۋۇللانىڭ تەلەپپۇزى ۋە ناخشا ئاھاڭىنى تۈزىتىپ بېرىدۇ، بۇنىڭدىن ئاتاۋۇللا ھەم خۇشال بولىدۇ، ھەم سەل قايىل بولماي تۇرۇۋالىدۇ. ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: نېمىشقا بۇنى «ئۈمىد» لەڭمەنخانىسى دەپ ئاتىدۇق؟ چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۈمىدى بولىدۇ. كەلگۈسىدە «ئۈمىد» لەڭمەنخانىسىنى ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگىچە ئېچىپ، تېخىمۇ كەڭ زېمىندا كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  «دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغانلىقىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلىمىغانىدىم»

  مۇخبىرلار خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا كۈچلۈك مەززىلىك پۇراقنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن، قول ھۈنەرۋەن ــ يېمەكلىك پىششىقلاش ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىكى نان زاۋۇتىغا كەلدى.

  قىزىق نانلار تونۇردىن توختىماي قومۇرۇلۇۋاتاتتى، خېمىر يۇغۇرۇشتىن ناننى يەشىككە قاچىلاشقىچە بولغان بارلىق ئىش تەرتىپى يۈرۈشلەشكەن بولۇپ، «سانائەتلىشىشتەك گۈزەل تۈسكە ئىگە» ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى يەككە ساندۇقلۇق توك تونۇر ئىدى.

  بۇ يىل 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ كادىرى ئابلەت ئابدۇخېلىل توكچىلىق، تۆمۈرچىلىكنى بىلىدىغان ئالتە تەربىيەلەنگۈچىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بۇ توك تونۇرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەم بىر ئايدىن كۆپرەك تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئابلەت مۇنداق دېدى: تەلىم- تەربىيە مەركىزى ھەقسىز ئورۇن ھازىرلاپ بېرىپ، مەخسۇس مەبلەغ بىلەن قوللىدى، بىز نۇرغۇن تەجرىبە قىلىپ، كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ- تەڭشەپ سىناق قىلدۇق. تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولمىسا، تەسەۋۋۇرىمىز تەسەۋۋۇر پېتىچە قېلىۋېرەتتى.

  ھازىر توك تونۇرنىڭ 4- ئەۋلاد مەھسۇلاتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى ھەم دۆلەت پاتېنتى ۋە «ئەپەندى» تاۋار ماركىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ، توك تونۇردىن 34 ى سېتىلدى، بۇنىڭدىن 21 ى ئىچكىرىدىكى جايلارغا سېتىلدى. ئابلەت مۇنداق دېدى: تونۇرنىڭ توك بېسىمىنى، ھارارىتىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، بىر سائەتتە بەش يۈەنلىك توك ئىشلىتىپ 130 نان پىشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ تونۇر بۇلغىمىسىز، ئىس- تۈتەكسىز، قولايلىق ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى بىز ئەسلىدىكى ئالاھىدىلىك ۋە تەمنى ساقلاپ قالدۇق.

  يەتتە پاتېنت ئىگىسى پاتېنت ئېلىپ كەلگەن پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى، سېتىلغان ھەربىر توكلۇق تونۇرنىڭ پايدىسىدا ئۇلارنىڭ پاتېنت ھەققى بار. بۈگۈنكى كۈندە، زاكاز ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەچكە، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتتى.

  تونۇرنىڭ داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان سىرتقى قېپىنى تەربىيەلەنگۈچى ئەركىن ئابدۇۋەلى ياساپ چىققانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۆمۈرچىلىك قىلغىنىمغا 40 يىل بولدى، دۆلەتنىڭ پاتېنتىغا ئىگە بولالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، خۇشاللىقىمدىن بىرنەچچە كېچە ئۇخلىيالمىدىم، مېنىڭمۇ كەسپىم بار بولدى! ئۇ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالغانىدى.

  پايچى بولسا بەك ياخشى ئىكەن

  كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى سانائەت رايونىدىكى نۇرغۇن كارخانىنى سىياسەتنىڭ قوللىشىدا تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزلىرى قۇرغانىدى. بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، پايچىغا ئايلاندى. تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلەنگۈچىلەر كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىدى.

  بىز باسما زاۋۇتىدا تەربىيەلەنگۈچى مەتقاسىم تۇردى بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشىمىز بەك ئالدىراش، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلار ئىنتايىن قوللاپ، بىزگە نۇرغۇن زاكاز بەردى.

  بۇ زاۋۇتنى ئون تەربىيەلەنگۈچى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، مەتقاسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى ھەم چوڭ پايچى ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىغاچقا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن نۇرغۇن پۇل قەرز ئالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم باسما زاۋۇتىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە ئىگە بولغاچقا، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ماڭا پۇل بېرىپ تۇردى. بۇ زامانىۋى باسما زاۋۇتىغا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەنىدى.

  باسما زاۋۇتى مەشىق دەپتىرى، كىتاب، ئىمتىھان سوئالى قاتارلىقلارنى باسقاندىن باشقا، يەنە پۈركۈپ سىزىش، لايىھەلەش قاتارلىق كەسپىي ئىشلارنىمۇ قوبۇل قىلدى. بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنى تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنىلا 5 مىليون يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلدى. ھازىر ئىشلەۋاتقىنىمۇ قىممىتى 2 مىليون يۈەنلىك مەشىق دەپتىرى بېسىشتەك چوڭ زاكاز بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە- شەھەرلىرىگە تەمىنلىنىدىكەن. مەتقاسىم مۇنداق دېدى: ئىككى زاۋۇتنىڭ كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ھەقسىز ئىشلىتىمىز، سانائەت رايونى مەخسۇس تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، بىزنىڭ ئالاقىلىشىپ زاكاز ئېلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەھسۇلاتنى سېتىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردى. مېنىڭچە، بىز دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك پايچىلار.

  باسما زاۋۇتىنىڭ يېنىدا يەنە تەربىيەلەنگۈچىلەر قۇرغان كەسمە چۆپ زاۋۇتى، ماتاڭ زاۋۇتى قاتارلىقلار بار. ماتاڭ زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى غولام ئابدۇقادىر بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتقان، ئۇ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا «ياۋا ئاخۇن»نىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، مۇزىكا ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، ئۇنى تارقاتقۇچىغا ئايلانغان.

  بۈگۈنكى كۈندە، غولام تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئىلھام بېرىشىدە، باشقا ئالتە تەربىيەلەنگۈچى بىلەن بىرلىشىپ 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ ماتاڭ زاۋۇتىنى قۇردى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈچ ئايدىن بۇيان تۇنجى تۈركۈمدىكى تاتلىق قەنت- گېزەكلەر سانائەت رايونىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ئارقىلىق سېتىلدى. غولام مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت، ئىلگىرى بۇنداق چوڭ زاۋۇتنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

  بۈگۈنكى كۈندە، غولام ئىدىيەسىدىكى بارلىق يۈكنى چۆرۈپ تاشلاپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئىگىلىك تىكلىمەكتە، ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغىنى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى ئىدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مەزگىلدە تاماق يېيىشكىمۇ رايىم بارمىدى، چۈنكى كەمپۈت بىلەن كەمپۈت قەغىزى چاپلىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، كەمپۈت بەك قاتتىق بولۇپ كەتسىمۇ ياكى بەك يۇمشاق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايتتى، قاتتىق بولۇپ قالسا يېيىش تەس بولاتتى، يۇمشاق بولۇپ قالسا چاپلاشقاق بولۇپ قالاتتى. بىز تېخنىكنىڭ ياردىمىدە رېتسېپنى تەڭشىدۇق، كەمپۈت قەغىزىنىمۇ ئالماشتۇردۇق، ھازىر مەسىلە ھەل بولدى.

  ئىگىلىك تىكلەش مېنى شۇ قەدەر گۈزەل قىلدى

  10- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى سانائەت رايونىنىڭ پەردازخانا- ساتىراشخانىسىدا بېلىقىز مەمەتتوختى ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئابلىز مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشتۇق. بۇ بىر جۈپ ياش قىسقا مودا چاچ قويغان بولۇپ، يەنە چېچىنى سېرىق ئارىلاش بويىۋالغانىدى. دۇكان ئالدىدا پىكاپ توختىتىلغان بولۇپ، ئىشقا بېرىپ- كېلىشتە خوتۇنى ھەيدەيتتى.

  بېلىقىز پادىچىلار ئىشتىنى ۋە قىزىل خۇرۇم ئۆتۈك كىيگەن، چىرايلىق گىرىم قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى دېھقان تەربىيەلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. بېلىقىز مۇنداق دېدى: كىچىكىمدە گۈزەللىكنى سۆيەتتىم، كېيىن مومامنىڭ تەسىرىدە، «جەننەت»كە كىرىش ئۈچۈن قارا رەڭلىك نىقابلىق كىيىم كىيىپ، يۈزۈمنى نىقابلاپ يۈردۈم، يەنە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتىم. توي قىلغاندىن كېيىن ئېرىم چۈمبىلىمنى ئالدۇرۇۋەتمەكچى بولغاندا، گېپىنى ئاڭلىغۇم كەلدى- يۇ، يەنە «جەننەت»كە كىرەلمەسلىكتىن قورقتۇم.

  «تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە قانۇن ئۆگەنگەندىن كېيىن، مەن ئىدىيەمدىكى چۈمبەلنى ئۈزۈل- كېسىل ئېچىپ تاشلىدىم.» ئىدىيەسىدىكى ئالۋاستىنى ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن، بېلىقىزنىڭ چېھرىگە قايتا كۈلكە يۈگۈردى، ئۇ پەردازچىلىق- ساتىراشلىقنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي گۈزەللىككە قۇچاق ئېچىش ئىرادىسىگە كەلدى.

  «تىرىشىپ ماھارەت ئۆگەندىم، باشقىلار بىر قېتىم مەشىق قىلسا، مەن ئون قېتىم مەشىق قىلدىم.» بۇ يىل 2- ئايدا، بېلىقىز تەربىيەلەشنى تاماملىدى، ئۇ تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن پەردازچىلىق- ساتىراشلىق ماھارىتى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، پۇلى يوق ئىدى، دۇكاننى قانداق ئىجارە ئالىدۇ، مالنى قانداق كىرگۈزىدۇ؟ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، بېلىقىز سانائەت رايونىدا تۇنجى پەردازچىلىق- ساتىراشلىق دۇكىنى ئاچتى، دۇكىنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى تەربىيەلەنگۈچى ئاچا- سىڭىللار ئىدى.

  ئارقىدىنلا، بېلىقىزنىڭ 2-، 3- زەنجىرسىمان دۇكىنى كەينى- كەينىدىن يېزا ۋە ناھىيە بازىرىدا ئېچىلدى، بېلىقىز يەنە شىنجاڭ «ئۇزكەن» چاچ ياساش - پەردازلاش مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، رەڭلىك گىرىم يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئۆز مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى پىلانلىدى. ئارزۇ توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇ مەردانە سۆزلەيتتى، ئىشەنچكە تولغانىدى. ئابلىز مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم ئىلگىرى بىر كۈندە بىرنەچچە ئېغىزمۇ سۆزلىمەيتتى، ھازىر ئوچۇق- يورۇق بولۇپ كەتتى، دۆلەت ئورتاق تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلەيدىغان بولدى، تىجارەتتىمۇ ئۇنىڭ دېگىنى ھېساب.

  بېلىقىز يەنە دائىم ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ ياشانغانلارنىڭ چېچىنى ھەقسىز ياساپ قويدى، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق كۆپچىلىككە تەربىيە بەردى. «مەن ئەسلىمنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشۈم كېرەك. مەن كۆپچىلىككە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قۇربانى بولمايمەن، مەن ئۆزۈمگە تەئەللۇق گۈزەل كىشىلىك ھايات تاپىمەن!» بۇ گەپلەرنى دېگەندە، بېلىقىزنىڭ كۆزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغا تولغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى