تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى يىغىنى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى، تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن تىنچ پايدىلىنىش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ پايدىلىنىش، سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، تاشقى ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ئىزچىل بوشلۇق بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بوشلۇق مۇھىتىنى قوغداپ، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا- تىنچ ئوكيان بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بوشلۇق ئىلمى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بوشلۇق تېخنىكىسىنى ئېچىش، بوشلۇق تېخنىكىسىنى قوللىنىش قاتارلىق ساھەلەردە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو ئاسىيا- تىنچ ئوكيان بوشلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق پائال قوللاپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، بوشلۇق ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.