تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس مۇتەللىپ ئوبۇل

  نۆۋەتتە، بىز «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ھايات- ماماتلىق كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بۇ كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۇزاقتىن بۇيان، كادىرلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ھە دەپ «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ ۋە تارقىتىپ، بەزى كادىرلار، ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى سىياسىي پىروگرامما ۋە ئىدىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئەپت- بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، دىندىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە زوراۋان- تېررورچى كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ، بىر جەھەتتىن ئاممىۋى پىكىر پەيدا قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى قايمۇقتۇردى، يەنە بىر جەھەتتىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ھە دەپ شۇغۇللاندى. ئۇلار بىر ئېقىندا بۇلغىنىپ، بىرلىشىۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىپ، ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  بىز «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇسۇلىنىڭ ھەمىشە ئىنتايىن يوشۇرۇن بولىدىغانلىقىنى، قايمۇقتۇرۇش ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە كەلتۈرگەن تەسىرىنى ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئۈزۈل- كېسىل تازىلاش ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىدىغان ئىنچىكە خىزمەت، بۇنى شوئار توۋلاپ قويۇش بىلەن ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بىزدە ھەم «بىپايان قۇملۇقتا سانسىز جەڭنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇبۇلغا- ساۋۇتلىرىمىز چىقسىمۇ كاردىن، دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغىچە يۇرتىمىزغا قايتمايمىز بۇندىن» دەيدىغان ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە جاسارەت بولۇشى، ئۇلارغا قارشى ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش تەييارلىقى بولۇشى، ھەم «بىر گەز ئۆرلىسە جاھالەت، مىڭ گەز ئۆرلەر ئادالەت» دېگەن تونۇش بىلەن «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆتكۈر كۆز ۋە جىن- ئالۋاستىلارنى تۇتۇپ بويسۇندۇرۇش ماھارىتى بولۇشى كېرەك، يەنە ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئادەم ئالدايدىغان تۈرلۈك ھىيلە- نەيرەڭلىرىنى پاش قىلىشقا باشلاپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە قارارى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاڭلىق ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس تازىلىمىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ»نى تەلتۆكۈس يوقاتمىغىچە، ھەرگىز بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئومۇملۇق ۋە سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن. سىياسىي سادىقلىقنى ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يادرونى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەش، يادرونى قەتئىي قوغداش، يادروغا قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشنى بىرىنچى سىياسىي تەلەپ قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. يۇقىرى، كۈچلۈك ماھارەتنى ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە ۋە نۆۋەتتىكى شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كادىرلار قوشۇنىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىقتىدارىم ۋە سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن. پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتا مۇتلەق سادىق بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، باشتىن- ئاخىر قەتئىي سىياسىي مەيدانىمنى ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قىلچە مۈجمەل بولماي، قەتئىي مۇرەسسە قىلماي، ھەرگىز چېكىنمەي، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

  ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. بىرىنچىدىن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا ئۈلگىلىك رول ئوينايمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى <مۇتلەق> دېگەن سۆزدە، بۇ، بىردىنبىر، ئۈزۈل- كېسىل، شەرتسىز، ھېچقانداق ئارىلاشما قوشۇلمىغان، ھېچقانداق ساختا تەركىب يوق سادىقلىق.» چوقۇم ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق، ئىرادىسىدىن يانمايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت. «ئادەمنىڭ ساداقەتمەن بولۇشى بېلىقنىڭ سۇدىن ئايرىلالمىغىنىغا ئوخشايدۇ»، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ئىشتا يادروغا توغرىلىنىمەن، يادروغا سادىق بولىمەن، يادرونى ھىمايە قىلىمەن، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن، يادرونى مۇھاپىزەت قىلىمەن. پارتىيەنىڭ بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىمەن. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولىمەن. ئىككىنچىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور فاڭجېن- سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشتا ئۈلگىلىك رول ئوينايمەن. كەمتەر بولۇپ، ئاۋامنىڭ رايىغا بېقىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، قۇرۇق گەپ سېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن.

  مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرىمەن. بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە خاس بۇرچى بولىدۇ. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلىدە، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىش روھى، مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپتە جان تىكىپ چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن. جەمئىيەتتىكى خاتا قاراش ۋە ئىدىيە ئېقىمىغا قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، نوچىلىرىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، «مۆتىۋەر»لەردىن بولمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ، «قاچاق ئەسكەر» بولمايمەن، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا، چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى