تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى

  باي ناھىيەسى بۇلۇڭ يېزىلىق بىرلىك سەپ ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئاينۇر گۈلمەمەت

  شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان دۆلەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمگە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارىتا، مەن جەزمەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلىسەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى بولغاندا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلغان؛ ئەكسىچە بولغاندا، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق كۆرۈلگەن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىشلار تەسىرگە ئۇچرىغان. بىز خۇددى قۇياش نۇرى ئەتراپنى يورۇتقانغا ئوخشاش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق- تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك؛ ھاۋانى ساپلاشتۇرغانغا ئوخشاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز بارلىق گەپ- سۆزلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك؛ سۇ مەنبەسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى قوغدىشىمىز كېرەك. تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندۇرۇشىمىز، ھەربىر كىشىنىڭ كۈندىلىك سۆز- ھەرىكىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچى قىلىپ مۇجەسسەملىشىمىز، ھەربىر ئاددىي ئىش ئورنىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كېڭەيتىدىغان سەھنىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  دەۋر ئىلگىرىلىمەكتە، مۇھىت ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە، لېكىن دۇنيانىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بىز ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتىمىز، 56 مىللەتنىڭ ئورتاق مەقسىتى ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇش. پارتىيە ۋە ۋەتەن بىزگە بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى بەرگەن، بىزنىڭ پارتىيەمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىمىزنى سۆيمەسلىككە نېمە ئاساسىمىز بار؟ بىز بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكىدەك مىللەتلەر خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتقان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، كۆپچىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ جان- دىلى بىلەن قوغدىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى، ئىناق، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشى، قەتئىي تۈردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە ۋەتەننى پارچىلايدىغان جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەت ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش بىز ھەربىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئۆلۈكىنى كۆمگىدەك جايمۇ قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى