تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«كەچكى مەكتەپ لېكتورلار ئۆمىكى» ئاھالىلەرنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى

11-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىخۇ شەھىرى گەنخېزا بازارلىق دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتىنىڭ تېخنىكى پەن شىنۋۇ (ئوتتۇرىدا) گەنخېزا بازىرى خاۋجاجاڭزا كەنتى «دېھقانلار كەچكى مەكتىپى»دە كەنت ئاھالىلىرىگە كۈزگى بۇغدايدىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەش بىلىملىرىنى سۆزلىمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ بو خەۋىرى، فوتوسى): گەنخېزا بازارلىق پارتكوم بۇ يىل 9-ئايدا ئورگان كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئەدلىيە مۇرەسسە خادىملىرى، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى تەشكىللەپ، «كەچكى مەكتەپ لېكتورلار ئۆمىكى» قۇرۇپ، كەنتلەردە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن-نىزام، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى