تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ ـــ ئونسۇغا ساياھەتكە كېلىڭ!

ئونسۇدىكى تۆمۈر چوڭ جىلغىسى

  ئونسۇ ناھىيەسى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى، ئونسۇ تىيانشان تۆمۈر ئورمان باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ؛ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى يېرىم باھالىق ئېتىبار بېلىتى پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ. (چاغان مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

  بۇ يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئونسۇدىكى تىيانشان تۆمۈر ئورمان باغچىسىدا «يايلاقتىكى قار-مۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، مەنزىرە رايونىدىكى 10 چوڭ قار تېيىلىش تۈرىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئونسۇدىكى تۆمۈر چوڭ جىلغىسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، تۆمۈر چوققىسىنىڭ ئېتىكىدە يارداڭ يەر شەكلى، دەنشيا يەر شەكلى، تاش تۇز كارستلىق جىلغا توپى ۋە تۇز دۆڭى قاتارلىق گېئولوگىيەلىك مەنزىرىلەر بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • چاتما ئوق پويىز بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋېلىش
  • ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى خەلق باغچىسىدا باشلاندى
  • ئاسىيا قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى