تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو- چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى. 11- ئاينىڭ 13- كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو- چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى جېڭ زېگۇاڭ، كۇڭ شۈەنيوۋ، مىنىستىر ياردەمچىسى جاڭ جۈن ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى لى چېڭگاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بىرىنچى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا

  جېڭ زېگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ پايتەختى مورېسبى پورتىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، فىجى، سامۇئا، ۋانۇئاتۇ، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى، كۇك تاقىم ئاراللىرى، تونگا، نيۇئې قاتارلىق سەككىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ، جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەڭ ساھەدە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا چوڭقۇر، ئۇزاق ھەم پائال تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  جېڭ زېگۇاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان سەپىرى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچىدىن، جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرقانچە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان باشقا ئارال دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشىدۇ. شۇ چاغدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگونىڭ توغرا، ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن دوستلۇق- سەمىمىيلىك ئىدىيەسى بويىچە ئارال دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرىنى جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  ئىككىنچى، بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى توغرىسىدا

  كۇڭ شۈەنيوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە بىرۇنېي، فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو- بىرۇنېي، جۇڭگو- فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دوستانە يېقىن قوشنا، بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم بىرۇنېيدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو- بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى سىزىپ چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ سۇلتان خاسانئال بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو- بىرۇنېي مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە پىلانلايدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە قوشما بايانات ئېلان قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ.

  كۇڭ شۈەنيوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىن جۇڭگونىڭ دوستانە يېقىن قوشنىسى ۋە مۇھىم ھەمراھى. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلدى، داۋاملىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق نەنخەي مەسىلىسىنى كېڭىشىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، رايون ۋە كۆپ تەرەپلىك قاتلامدىن بىر- بىرىنى قوللايدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ دۇتېرتې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى سوتو ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئارويو بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدۇ ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىقتىساد- سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىقلارغا چېتىشلىق كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىدۇ.

  ئۈچىنچى، APECنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: APECنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى 11- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ APEC سودا- سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ، باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ، خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتى ۋە APEC رەھبەرلىرىنىڭ سودا- سانائەت مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن پىكىرلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى، تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئالاقىدار ئەزالارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قوش تەرەپلىك كۆرۈشۈش ئۆتكۈزىدۇ.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «سىغدۇرۇشچان پۇرسەتنى ئىگىلەپ، رەقەملەشكەن كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچايلى». ھەرقايسى تەرەپلەر رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ۋە سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ قاراشلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدۇ ھەم باشلىقلار خىتابنامىسى ئېلان قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يىغىننىڭ تۆۋەندىكى جەھەتلەردە پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرىنچى، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى قوغداش. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قورۇقچىلىق ۋە يەككە تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇپ، سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككىنچى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش. جۇڭگو تەرەپ APECنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقى توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش كۈچلۈك بولۇش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈشنى خالايدۇ. ئۈچىنچى، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلە روھى ۋە ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلىشى كېرەك. تۆتىنچى، 2020- يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىنى پىلانلاپ، APECنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش. APEC بۇ يىل كەلگۈسى مەنزىل توغرىسىدىكى مۇزاكىرىنى رەسمىي باشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىشىنى، ئۇنىڭغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور پۇرسەت ۋە بوشلۇق يارىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى چېڭگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل APEC يىغىنىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىقتىساد- سودا نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد بار: بىرىنچى، ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ھەر تەرەپلىمە تۈرتكە بولۇنىدۇ. بىرىنچىدىن، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئۈلگىلىك ئېلېكتىرونلۇق پورت تورى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، يەرشارى قىممەت زەنجىرى ھەمكارلىقىدا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، APEC سودا قوشۇلما قىممىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئىككىنچى، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھەمكارلىقى مۇساپىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئۈچىنچى، 2020- يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىگە ئىقتىساد- سودا مۇھىم ئامىلىدىن تۆھپە قوشۇلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى يىغىندا 2020- يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىنى تۈزۈشىگە بولغان قوللىشىنى ۋە رايون سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان مەيدانىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تەرەپ يەنە يىغىننىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللايدىغان ئاكتىپ سىگنال تارقىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.