تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شى جىنپىڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى شياڭگاڭ، ئاۋمېندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 11- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دىڭ زىيى، گو شىن، جۇ يۈشۈەن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 12- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئىككى جاينىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار ۋە تاراتقۇ ئاممىۋى پىكىرلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: سۆز شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور يېتەكلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئىككى جاي ئارتۇقچىلىقىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا تۆھپە قوشۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن كەڭ بوشلۇق ۋە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئېرىشىشى كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىكى رولى ۋە تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يەنىلا ئالاھىدە ئورۇن ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، يەنىلا ھېچكىم ئورنىنى ئالالمايدىغان رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق زاتلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.

  شياڭگاڭ رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شياڭگاڭ جۇڭخۇا ئېكسپورت- ئىمپورت سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي باشلىقى لىن لۇڭئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ يەنىلا مۇھىم كۆزنەك ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە تاشقى ئالاقە مەركىزى ھەم پۈتۈن دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك چېگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلى مەركىزى بولالايدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلانغان، قانۇن- تۈزۈم مۇكەممەل بولۇش ھەم بازار ئىگىلىكى، تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇش ئەركىنلىكى ۋە ئاددىي تۆۋەن باج تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنىڭ ئورنىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھېچكىم ئالالمايدۇ.

  ئاۋمېن «شەھەر ئاھالىلىرى گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەردە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋە زاتلارنىڭ تۆھپىسى بار، دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسىگە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئەزەلدىن قاتنىشىپ كەلدى ھەم كۆپ تۆھپە قوشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشىگە ياردەم بېرىشىنى، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، شياڭگاڭ «ۋېنخۇي گېزىتى»نىڭ ئوبزورچى ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شياڭگاڭ زور ئىستىقبالغا ئىگە ھەم ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئاۋمېن «خۇاچياۋ گېزىتى»دە ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئەڭ چوڭ سەھنە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇش يېڭى مۇھىم، زور پۇرسەت، ئاۋمېننىڭ كۈنسېرى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا يۇغۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولمايدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى سەي گۈەنشېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور پۇرسەتلەرنى تۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مۇھىم ئامىللارنى يۈرۈشتۈرۈش، ئۆلچەمنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سالاھىيەتنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، خەلق تۇرمۇشىدا ھەمكارلىشىش، تۈزەشتە ماسلىشىش قاتارلىق قاتلاملاردا دۆلىتىمىزنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىشىگە ماسلىشىپ، خەلقئارا بىلەن ئۇدۇللاشقان تۈزۈم سىستېمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە، سىغدۇرۇشچان زامانىۋىلاشقان جەمئىيەتنى تۈزەش ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنخۇڭجى يەر مۈلۈكچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش مۇدىر، باش دىرېكتور گو بىڭليەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى پەللىسىدە تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ۋە گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شياڭگاڭ كارخانىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا داۋاملىق مۇھىم رول ئوينايدۇ. كارخانىلار ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، تېخىمۇ زور بوشلۇققا ئېرىشەلەيدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. شياڭگاڭ «داگۇڭ گېزىتى»نىڭ ئوبزورچى ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شياڭگاڭ ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. شياڭگاڭلىقلار «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا ئۇيغۇنلىشىش تەلىپى بويىچە، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، ئاڭلىق ھالدا دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى قوغدىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى چېن يۇڭچى مۇنداق قارىدى: شياڭگاڭلىقلار تېخىمۇ چوڭقۇر، قاتلىمى تېخىمۇ كەڭ بولغان دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىگە، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك، بۇنىڭ دۆلىتىمىز ۋە شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، شەخسنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا ياردىمى زور. شياڭگاڭ ياشلىرى تېخىمۇ چوڭ بازار ۋە تەرەققىيات بوشلۇقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چوڭ قولتۇق رايونى دەل ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەتلەردىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شياڭگاڭ باخې ئۇيۇشمىسى سارىيىنىڭ رەئىسى ۋاڭ مىڭچۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە ئىشلىتىلىدىغان شىجيۇ مەدەنىيەت رايونى دىراما ۋە ئەلنەغمە مەركىزىنىڭ شياڭگاڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىشىدىكى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ دىراما ۋە ئەلنەغمە جەھەتتىكى قوللاشنى جەزمەن كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

  شياڭگاڭ رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ما فېڭگو مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۆستى، شياڭگاڭ جەمئىيىتى ياردەمچى كۈچ بولالايدىغان- بولالمايدىغانلىقى ئۈستىدە جەزمەن پائال ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

  «شياڭگاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ ئوبزورچى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: شياڭگاڭ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ دائىرىلىك خەلقئارا ئىقتىساد- سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىگە ئىگە، ئەگەر جۇڭگو- غەرب ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلسە، سىرتقا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىگىلى، دۆلەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارغا ئۈمىد باغلاپ مۇنداق تەكىتلىدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسى بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدىكى يېڭى قان. شياڭگاڭ رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ياۋ زۇخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ياخشى پۇرسەت، ياخشى سۇپا، ياخشى ئىستىقبال بىلەن تەمىنلىدى. شياڭگاڭ ياشلىرى چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتى داۋامىدا كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە تۈگىمەس تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئېرىشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاۋمېن ئەلئارا بىرلەشمە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رەئىسى شى جيالۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئاۋمېندىكى ھەرقايسى ساھەلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۆت تۈرلۈك «تېخىمۇ ئاكتىپ تەشەببۇسكار بولۇش» تەلىپىنى ئاۋمېن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى قىلىپ، دۆلىتمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، يېڭى مەزگىلدىكى دۆلەت تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلغان، دۆلەت ئومۇملۇقىغا پائال يۇغۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىدىن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى