تىيەنجىن بىنخەي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونىدىكى يۇمشاق ماتېرىياللار باغچىسىدا تيەنجىن سودا داشۆسىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى خەن جيەنفېڭ(سولدىن بىرىنچى) خىزمەتچىلەرگە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: تيەنجىن شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كارخانا پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، تيەنجىن شەھىرى ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن تاللاپ چىققان جەمئىي 3089 پەن-تېخنىكا خادىمىنى پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى سۈپىتىىدە 2725 كارخانىغا ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ پەن-تېخنىكا خادىملىرى كارخانىلاردا تېخنىكا مۇتەخەسسىسى، كەسىپ مۇتەخەسسىسى ۋە مەھسۇلات دىرېكتورى رولىنى ئويناپ، «كەسىپتىن ساھەگە، تۈردىن مەھسۇلاتقا، ئىلمىي ماقالىدىن ئۈنۈمگە» ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئۆزگەرتىشنى تاماملىغان.