11-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۇچا ناھىيەسى ئاقئۆستەڭ يېزىسىدىكى بوستان دېھقانلار ياڭاق كەسپىي كوپىراتىپىدا ئىشچىلار چىلان يۇيماقتا. (نىياز راھمان فوتوسى)
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. كۇچا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يىغىش، سېتىش ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 900 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ كوپىراتىپلاردا 8000 غا يېقىن ئەزا بار ئىكەن.