تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ ــــ سانجىغا ساياھەتكە كېلىڭ!

تىيانشان بوغدا كۆلى

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەتكە كۈچ قوشتى. 2018-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت مەزگىلىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى، گۇخەي ئارشىڭى، يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، مىڭ ئۆي قاتارلىق جايلاردىن باشقا 100مەنزىرە رايونى (مەنزىرە نۇقتىسى)دا كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

  گۇچۇڭ ناھىيەسى يەنە «جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەت پائالىيىتى پىلان لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتتە بولىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىش بېلىتى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارىلىق ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەردىن كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدىكەن، پەقەت 18 يۈەن/(ئادەم) كىرا ھەققى ئېلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەسلى باھاسى 85 يۈەن/(ئادەم) بولغان تېيىلىش يولى ھېس قىلىش تۈرىدە ئېتىبار بېرىلىپ 45 يۈەن/(ئادەم)بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى