تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

جۈزە شۆپىكى سۈيى بىلەن گۈل سۇغارغاندا...

   
    جۈزە شۆپىكى تەركىبىدە مول ۋىتامىن C، ئازوت، فوسفور، ئېسسېنتول مېيى قاتارلىق كۆپ خىل ماددا بار بولۇپ، جۈزە شۆپىكى گۈل-گىياھلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، جۈزە شۆپىكى يەنە كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، جۈزە شۆپىكى سۈيى بىلەن چاي گۈلى، كاككۇكگۈل(杜鹃)، يەسىمەنگۈل(茉莉)، ئىسكىنداپسۇس پېلىكى(绿萝) قاتارلىق كۆپ خىل گۈللەرنى سۇغۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. 

    جۈزە شۆپىكىدىن پايدىلىنىپ گۈل بېقىش
   بىرىنچى باسقۇچ: بىر ياكى بىر نەچچە تال جۈزىنىڭ شۆپىكىنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز. (سانىنى سۇغۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا مۇۋاپىق كونترول قىلسىڭىز بولىدۇ)

    ئىككىنچى باسقۇچ: كېسىپ تەييارلىۋالغان جۈزە شۆپىكىنى سۇلياۋ بوتۇلكىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ 24 سائەت چىلىغاندىن كېيىن، جۈزە پوستىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز، ئاندىن قېپقالغان جۈزە شۆپىكى سۈيىدە گۈلنى سۇغارساقلا بولىدۇ.

    جۈزە شۆپىكى سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان گۈل توپىسىنىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى بار بولغاچقا، گۈللەرنىڭ يوپۇرمىقى ئاسان سارغىيىپ قالمايدۇ، تېخىمۇ پارقىراق ھەم يېشىل بولىدۇ.
   جۈزە شۆپىكى سۈيى يەنە تەشتەكتە ھەرخىل ھاشاراتلار پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، گۈل توپىسىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى