تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ ‏‏17-كۈنى باشلىنىدۇ

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۈ شىنپىڭ خەۋىرى، فوتوسى. مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو . نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى باشلىنىدىكەن، مەدەنىيەت بايرىمىدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى، قارلىق دالىدا يۈگۈرۈش، قار ئۈستىدە پۇتبول تېپىش، قار ئۈستىدە چېلىشىش، قار ئۈستىدە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش، قار ئويمىسى مۇسابىقىسى، قار ئۈستىدە ئارغامچا سەكرەش، قار ئۈستىدە تەپكۈچ تېپىش، قارلىق جايدىكى مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى، قارلىق دالا گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى