ئۆز خەۋىرىمىز: «شۈ ئاكا، بۇ يىل پاختىلىرىڭىز بەك ئوخشاپتۇ، قاچان تېرىپ بولىسىز؟» 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باغتوغراق يېزىسى توسمىقۇل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ماۋ نىڭ ماشىنىدا پاختا تېرىۋاتقان دېھقان شۈ باۋچاڭنىڭ كېۋەزلىكىگە كېلىپ، پاختىلارنى ماشىنىدا تېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
پاختا بۇ كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ئادەم ئاز، يەر كۆپ بولۇش سەۋەبلىك ئەمگەك كۈچى قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلەتتى، ھەر يىلى پاختا تېرىيدىغان چاغدا سىرتتىن ئەمگەكچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ پاختا تەرگۈزۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېشى قاتۇرىدىغان ئىشقا ئايلانغانىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باغتوغراق يېزىسى توسمىقۇل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ يېزىدا پاختىنى ماشىنىدا تېرىش تېخنىكىسىنى يولغا قويدى، ھەمدە مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، ماشىنىدا پاختا تېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىغا تېخنىكا ئۆگەتتى. شۇنىڭدەك، پاختىكار دېھقانلارنى سىرتلارغا چىقىپ تەجرىبە ئىگىلەشكە تەشكىللدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيەدىكى ماشىنىدا تېرىلىدىغان پاختا كۆلىمى 4500 موغا يەتتى.