11-ئاينىڭ 14-كۈنى، تاماشىبىنلار «خۇاشىڭ» فوتوئېلېكتىر شىركىتى كۆرگەزمە رايونىدا «8K» ئېكرانىنى كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. 15-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئوپتىك جىلغىسى» خەلقئارا فوتوئېلېكتىرون كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋۇخەندىكى دۇڭخۇ يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا باشلاندى. كۆرگەزمىگە جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى 400 دىن ئارتۇق يەر شارى بويىچە داڭلىق فوتوئېلېكتىر كارخانىسى قاتناشتى، كۆرگەزمىدە دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 5000 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە كارخانا ۋەكىلى مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. (شيۇڭ چى فوتوسى)
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىر تاماشىبىن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى كۆرگەزمە رايونىدا 5G لىق يىراق مۇساپىلىك ھەيدەش مودىلىنى سىناپ كۆرمەكتە.
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، تاماشىبىنلار مۇسابىقە ئېلېكتىروموبىلىنى كۆرمەكتە.
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، تاماشىبىن «تيەنما» مىكروئېلېكتىرون شىركىتى كۆرگەزمە رايونىدا 5.99 دىيۇملۇق ئەۋرىشىم ئېكراننى كۆرمەكتە.