تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار دىيابېت كېسىلىدىن ئېھتىيات ‏قىلىشى كېرەك

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. ياشلار ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا، ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار تېخىمۇ ئاسان دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى «ب د ت دىيابېت كېسىلى كۈنى»، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى ئىچكى ئاجراتما دىيابېت كېسىلى ئىلمى شۆبە ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %10.4 كە يەتكەن ھەمدە بۇ نىسبەتتە يىلسېرى تەدرىجىي ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن.

  قايسى كىشىلەر توپى دىيابېت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ؟ شىنجاڭ تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى ئىچكى ئاجراتما دىيابېت كېسىلى ئىلمى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىنلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «خەتەرلىك كىشىلەر توپى» نىڭ ئېنىق ئېنىقلىمىسى بار، مەسىلەن: 40 ياشتىن ئاشقانلار، دىيابېت كېسىلى تارىخى بارلار، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز كىشىلەر توپى، ئۇزاق مەزگىل ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي ئېشىپ كېتىش، يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى بار بىمارلار، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىل روھىي كېسەللىك دورىسى ياكى خامۇشلۇق كېسىلىگە قارشى دورا بىلەن داۋالانغان بىمارلار قاتارلىق 12 تۈرلۈك كىشىلەر توپى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى