ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ شيالى، دۇڭ لىجۈەن خەۋىرى: جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى قار-مۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى، پىيادە مېڭىش، يوگا قاتارلىق كاتتا پائالىيەتلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىش ۋە ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.
قىشتىكى جامبۇلاق خىيالىي دۇنياغا ئوخشايدۇ. يوگا ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرنى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەشىق مەيدانى دەپ بىلىپ، تىمتاس جامبۇلاقتا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى گو شىنجۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇنچە كۆپ كىشى بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناپ، كۆڭۈل ئېچىپ، ھەر مىللەت ئامما ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقىمىز كۈچەيدى، گۈزەل شىنجاڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزمۇ ئاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قار-مۇز بايرىمىدا ساياھەتچىلەر ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، مىكرو كىنو، دوۋيىن قاتارلىق ئۇسۇللاردا «جامبۇلاقنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى سۈرەتكە تارتىش» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، «يۈرەك توپلاش» ئەھۋالىغا قارىتا باھالاپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى چوڭ مېھمانسارايلار، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى، «گۇچۇڭ سوۋغىسى» مال سېتىۋېلىش ئورۇنلىرى باھادا ئېتىبار بېرىش، سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ساياھەت جەھەتتە ئېتىبارغا ۋە نەپكە ئېرىشتۈرگەن.