شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يېقىندا شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسىغا يىغىلىپ، شىنجاڭ سانائەت ئالاقە تورى كەسىپى ئىتتىپاقىنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ قۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك كارخانىلاردىن باشقا، نۆۋەتتە 20دىن ئارتۇق ئەزا بولۇش ئارزۇسى بار كارخانىلار بۇ ئىتتىپاققا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا تۇرۇشلۇق كارخانىلاردىن جۇڭگو تېلېگىرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، «جولاڭ» شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق يەتتە كارخانا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىتتىپاق تەشەببۇسى كارخانا قاتارىغا كىرگەن. بۇ ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى سانائەت كارخانىلىرى، ئۇچۇر كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ سانائەت ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى ئۆستۈرىدىكەن.