تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!

  ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىل قىشتا، قاناس مەنزىرە رايونىدا قار-مۇز مەنزىرە بايرىمى، قاناس مەنزىرە رايونى خەلقئارا قار ئېتىش شادلىق بايرىمى، قۇمقاناستا چاغان ئۆتكۈزۈش، قىش پەسلى قار – مۇز فوتو سۈرەت پەسلى، يەككە تاختايلىق دالىدا قار تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقە ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

   ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىنى باشلامچى قىلىپ، بۇرچىن ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنىڭ قار-مۇز ساياھىتى يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. قۇمقاناستا «چاغان ئۆتكۈزۈش»نى باش تېما قىلىپ، قار تاماشاسى قىلىش، قار ئويناش، قار ئېتىش، قاردا پىيادە مېڭىش قاتارلىق قىش پەسىللىك ئىستىراھەت خاراكتېرىدىكى قار ئۈستى پائالىيىتىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، جيادېڭ جىلغىسى — قاناس «تۇمان سۆڭگىسى كارىدورى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، سىياھ رەسىمدەك قۇمقاناسنى باش تېما قىلىپ، گۈزەل چوققا مۇھەببەت لىنىيەسى، خادېڭ سۇپىسى لىنىيەسى قاتارلىق مەنزىرە تاماشاسى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى