تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو لايىھەسى جەنۇبىي ئافرىقا مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە جۇلالاندى

    خەلق تورى، جوھاننىسبۇرگ، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مودا كىيىم كۆرگەزمىسى بۇ يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئىككى كۈن داۋاملاشقان مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدە، جوھاننىسبۇرگ سانتون قۇياش مېھمانخانىسىدىكى مودا كىيىم كۆرگەزمە زالى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغانىدى. جەنۇبىي ئافرىقا گۈزەل سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى جۇڭگو تاشقى مەدەنىيەت گۇرۇھى شىركىتى ئالاھىدە ئەۋەتكەن جۇڭگولۇق ئىككى داڭلىق كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىسى مودا كىيىم ھەپتىلىگە قاتناشتى. جۇڭگونىڭ داڭلىق لايىھەلىگۈچىسى زېڭ فېڭفېينىڭ قويۇق «جۇڭگو ئامىلى» نامايان قىلىنغان ئەسىرى ــــ «شۇجىن» نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى