1. چاچنى تارتىپ تەكشۈرۈش. باش تېرىسىنىڭ ھەرقايسى قىسمىدىن كۈچىمەيلا 2~8 تال چاچنى ئاغرىتمايلا تارتىپ چىقارغىلى بولسا، نەتىجە مۇسبەت چىققان بولىدۇ. دېمەك، چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.
2. ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەكشۈرۈش. جىنسىي ھورمون سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈش، قان زەردابى TSH تەكشۈرۈش قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چېكىنىشكە دىياگنوز قويۇشتا ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال بولالايدۇ.
3. ئوزۇقلۇق مېتابولىزمىنى تەكشۈرۈش. يامان خاراكتېرلىك ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئاقسىل ئۇزۇن مەزگىل يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئادەم بەدىنىدە مەنفى ئازوت مۇۋازىنىتى شەكىللىنىپ، قان ۋە سۈيدۈكتىكى ئۇرېئا ئازوتى، كرېئاتىن، كرېئاتىنىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، قان پىلازمىسى تەركىبىدىكى ئومۇمىي ئاقسىل تۆۋەنلەش سەۋەبىدىنمۇ چاچ چۈشىدۇ.
4. باشقا تەكشۈرۈشلەر. سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىغا گىرىپتار بولغانلاردىمۇ كەڭ دائىرىدە چاچ چۈشۈش، چاچ شالاڭلىشىش، قۇرغاقلىشىش، پارقىراقلىقىنى يوقىتىش، ئاسان ئۈزۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى LE ھۈجەيرىسى، dsDNA ياكى sm قارشى تۇرغۇچى، ANA ئىممۇنوفلۇئورېسسېنسىيە قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى