11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋېيشيەن ناھىيەسى 3-«ۋەنچۈەن» باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسىنىڭ يېتەكلىشىدە شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق ھۈنىرىنى سىناپ كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى ۋېيشيەن ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق قېزىپ، تەۋەلىكتىكى كۆپلىگەن مەكتەپلەردە شۇ خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى باش تېمىسىدا ئالاھىدە دەرسلىك تەسىس قىلدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى دەرس ئۆتۈش، ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىقنى ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئەتنى چۈشەندى. (ۋاڭ شياۋ فوتوسى)