شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. 69 ياشلىق ۋۇ فېڭمىڭ ۋە ئايالى جوۋ جىلەن 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا قان قەنتىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈپ نەتىجىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىنتايىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەھەللىنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بويىچە ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئىككىمىزنىڭ قان قەنتى ئۆلچەمگە يەتتى.
11-ئاينىڭ 14-كۈنى «ب د ت دىيابېت كېسىلى كۈنى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچىدىكى 95 ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتى تەڭ قەدەمدە باش تېمىلىق تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، بىرلىكتە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇمسىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئالغان دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى 90 مىڭغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 65 مىڭ بىمار ھەقسىز ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغان.