تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 11-ئايدا ئوتتۇرا يولدا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان ئۇلانما مۇساپىلەردە ئېتىبار باھا سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى

    جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يېقىندا ئوتتۇرا يولدا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان ئۇلانما مۇساپىلەردە ئېتىبار باھا سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى، باھانىڭ ئەڭ يۇقىرى چۈشۈش سوممىىسى 1000 يۈەندىن ئاشتى.

  11-ئاي، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە بازىرى(شىنجاڭدىن چىقىدىغان)نىڭ سۇس مەزگىلى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بازار ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلاردىن ئىچكىرىگە بارىدىغان ئوتتۇرا يولدا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان ئۇلانما مۇساپىلەرنىڭ يولۇچى توشۇش باھاسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، يولۇچىلار شىنجاڭدىن ئايروپىلان ئالمىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەردىن ئايروپىلان ئالمىشىپ شىنجاڭغا بارىدىغان لىنىيەنى قوش يۆنىلىشتە ئىختىيارىي گۇرۇپپىلىسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، كورلىدىن شىئەنگە بىۋاستە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان پۈتۈن مۇساپىنى ئۈچ سائەت ئەتراپىدا تاماملايدىغان بولۇپ، بېلەت باھاسىغا باجنى قاتقاندا 1410 يۈەندىن باشلىنىدىكەن. ئەگەر يولۇچىلار كورلىدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇپ شىئەنگە ئالمىشىدىغان لىنىيە بويىچە سەپەرگە چىققاندا گەرچە پۈتۈن مۇساپىنى تاماملاش ئۈچۈن ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتسىمۇ، بېلەت باھاسىغا باجنى قاتقاندا پەقەت 970 يۈەندىن باشلىنىپ، 440 يۈەن تېجەپ قالالايدىكەن.

  شىنجاڭ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى