تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يېزا تاشيولى ياسالدى

    قەشقەر گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭشىن، پىراكتىكانت مۇخبىر مىرزا خەۋىرى: قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقازدىن شىخشۇ يېزىسىغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى. بۇ تاشيولنىڭ پۈتۈشى قەشقەر ۋىلايىتىدە قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان تاغلىق رايوندىكى يېزا (بازار)غا قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقازدىن شىخشۇ يېزىسىغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە 2016-يىلى 9-ئايدا ئىش باشلىنىپ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئاسفالت ياتقۇزۇش تاماملانغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 54.346 كىلومېتىر، كەڭلىكى 4.5 مېتىردىن 7 مېتىرغىچە كېلىدۇ، شىخشۇ يېزىسىلىق تالىپ تۇرسۇن بۇ تاشيولنىڭ ياسىلىشتىن قاتناش باشلىنىشقىچە بولغان جەرياننىڭ قاتناشقۇچىسى ۋە گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يول ئىلگىرى شېغىل يول ئىدى، قاتناش قورالىمىز ئات، ئېشەك ھارۋىسى ياكى كالا ھارۋىسى بولۇپ، قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن ئۈچ- تۆت كۈن ۋاقىت كېتەتتى. مەن ئىلگىرى توپا قېزىش ماشىنىسى ۋە يۈك قاچىلاش ماشىنىسىنى ھەيدەشنى ئۆگەنگەن، پىراۋام بولغاچقا، بۇ يول ياسالغاندا ئوڭۇشلۇق ھالدا تەكلىپ قىلىندىم، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئايدا 6000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم. بۇ تاشيولنىڭ ياسىلىشى بىزنىڭ ھاۋا ئېچىلغاندا يول راۋانلىشىپ، يامغۇر ياغقاندا توسۇلۇپ قېلىش تارىخىمىزغا خاتىمە بېرىپلا قالماي يەنە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بېيىش يولىمىزنى ئېچىپ بەردى.

    قەشقەر مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ بىرى. 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە 756 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، 1019 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىش، 12 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قىيىنلىق دەرىجىسى زور، تەننەرخ يۇقىرى، ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 2018-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوغۇشلۇق يېزىسى، داتوڭ يېزىسى ۋە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخشۇ يېزىسىدىن ئىبارەت قاتناش راۋان بولمىغان ئۈچ يېزا يولىغا ئاسفالىت ياتقۇزۇش ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسىدىكى 18 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىنى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى