تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ‹‹ ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

شى جىنپىڭ ‹‹ ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك

لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار دۆلەت مۇزېيىدا ‹‹ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ، ‹‹ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئىككى قولى بىلەن دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستانىنى يېزىپ قالدۇردى، جۇڭخۇا زېمىنىدا جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى، بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتسەكلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. كۆرگەزمە ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەمىز نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش لۇشيەن، فاڭجېنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك.

  لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت مۇزېيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باش تېما قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تارىخىي مۇساپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، تەرەققىيات – مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالتە ئاساسىي تېمىلىق كۆرگەزمە رايونىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شانلىق تارىخىي مۇساپىسى، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى كۆپ نۇقتا، پۈتۈن كۆرۈنۈش شەكلىدە مەركەزلىك نامايان قىلدى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى كېڭەيتكەنلىكىنى نامايان قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسىي جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ۋاقىت تۈگۈنلىرى، مۇھىم، زور تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي سۈرەتلەر، جۇڭگو يېزا ئىسلاھاتىنىڭ چوڭ پەردىسىنى ئاچقان ئەنخۇينىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى 18 دېھقاننىڭ مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرە بېرىش ئۈچۈن ‹‹قىزىل بارماق›› بېسىۋاتقان ھەيكىلى، چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسى، تيەنگۇڭ ناملىق بوشلۇق پونكىتى قاتارلىقلارنىڭ مودېلى، 40 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنغان ئەمەلىي بۇيۇم ۋە ماتېرىياللار، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەر تەرەپلىمە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن سۈرەتلەر... ئەينەن بۇيۇم مودېلى، تەپسىلىي سۈرەت، گىرافىك، مول سىن ماتېرىيالى شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇلار پات – پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆردى، خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى.

   بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.