چوڭ قېچىچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ياسىن ئېشەك باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈچۈن چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسەتمەكتە.
ئۆز خەۋىرىمىز: توقسۇ ناھىيەسى پەيشەنبە بازار يېزىسىنىڭ چوڭ قېچىچى كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى ئاچتى، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى» ئەندىزىسى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەندىزىگە ئايلاندى، چوڭ قېچىچى كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتى.