تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

چوڭ بازار پىيادىلەر يولىدىكى «مۇز ئۆي مەززىلىك تائاملار كوچىسى»

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر چوڭ بازار پىيادىلەر يولىدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن «مۇز ئۆي مەززىلىك تائاملار كوچىسى» دا ماڭماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (ما تىڭ، جياڭ شياۋ خەۋىرى، فوتوسى). چوڭ بازار پىيادىلەر يولىدىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، قىشلىق تىجارەت شارائىتىنى ھازىرلىدى. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 13:00 تە بۇ كوچىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى، كېيىن تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 12:00 دىن 24:00 كىچە بولىدۇ.

  12:20لەردە مۇخبىر چوڭ بازار پىيادىلەر يولىدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ خىرۇستال ئوردىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدىغان ئىشىكنىڭ رەڭگى توختىماي ئۆزگىرىپ، بۆلەكچىلا رەڭدار بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى