تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

40 ياشقا كىرگەندە ئورۇقلاش نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ تەس بولىدۇ ؟

    نېمە ئۈچۈن ياشلىق مەزگىلىدە ئورۇقلاش ئاسان، قېرىغاندا شۇنچە تەس ؟ رۇسىيە «ساغلام تۇرمۇش تورى» دا ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار ئىكەن.

  1. سەۋەب: ماددا ئالمىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى.

  بۇ خىل كېسەللىك كېيىنكى مەزگىللىك دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئېرسىيەت، ياشنىڭ چوڭىيىشى، ھەرىكەتنىڭ كەمچىللىكى، ھەمدە ياش ۋاقتىدا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئورۇقلىشى قىيىن بولىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

  1) بەل ئايلانمىسىغا دىققەت قىلىش.

  2) بىر قېتىمدا ئاز-ئازدىن بىر قانچە ۋاخ تاماق يېيىش.

  3) شېكەر مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش.

  4) ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش.

  2. ئانىلىق ھورمون يېتىشمەسلىك.

  ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئاياللار 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئانىلىق ھورمۇن يېتىشمەي، ياغ توقۇلمىسى ماگنىتلىق ھورموننى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاياللار كېلىماكتىرىيە مەزگىلىدە، بولۇپمۇ 50 ياش ئەتراپىدا ياغ توقۇلمىسى ئېشىپ بارىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

  1) ئىچكى ئاجراتما دوختۇرلىرىغا بېرىپ كۆرۈنۈش.

  2) ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكنى كۆپ يەپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش.

  3) مايسىز تاماق يېيىش.

  4) تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمون كۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش.

  3. ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئاستا بولۇش.

  ياش چوڭايغانسېرى، ئانىلىق ھورمون كېمىيىپ مۇسكۇللارمۇ ئازىيىدۇ. ئانىلىق ھورمون بەدەندىكى كالىتسىي قوبۇل قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ مىكرو مىقدارلىق ئېلېمىنت مۇسكۇلنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىلنى كۆپەيتىش كېرەك. 

  4. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش.

  ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بۇزۇلۇش قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاشنىڭ سەۋەبى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى