تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«قوش 11»دا ئاقسۇنىڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى ئوبدان سېتىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇ «سېڭسېڭ» مېۋىچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «بىڭتاڭشىن» ئالما بازىسىدا، مەسئۇل خادىم لى جيەنشېڭ ئىشچىلارنى ئۈزۈپ كېلىنگەن ئالمىلارنى ئايرىپ، ساندۇقلارغا قاچىلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «قوش 11»دا لى جيەنشېڭ «تيەنماۋ»، «جىڭدۇڭ» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا 15 توننىغا يېقىن «بىڭتاڭشىن» ئالما ساتتى.

  مۇخبىر ئاقسۇ «سېڭسېڭ» مېۋىچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تيەنماۋدا تىزىمغا ئالدۇرغان دۇكىنىغا كىرىپ، دۇكاننىڭ بۇ قېتىمقى «قوش 11» پائالىيىتىدە ئىككى ساندۇق ئالما (4 كىلوگرام/يەشىك) سېتىۋالغان خېرىدارلارغا يەنە بىر ساندۇق سوۋغا قىلىشتەك سېتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، 5000دىن ئارتۇق زاكازنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى كۆردى.

  لى جيەنشېڭ مۇنداق دېدى: ئىككى كۈندىن بۇيان «بىڭتاڭشىن» ئالمىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىش ئۈچۈن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، بىز بۇ يىل ماللارنى تولۇق تەييارلىدۇق، مالنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى