شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: «شىنجاڭنى پويىزلىق ساياھەت قىلىش» 2018-يىللىق قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى پائالىيىتىدىكى تۇنجى پويىز __ Y971 قېتىملىق شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 8:13 دە بېيتۈنگە يېتىپ كەلدى، ساياھەتچىلەر پويىز ئالمىشىپ، گۈزەل قاناس مەنزىرە رايونىغا قاراپ يول ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، قاناس مەنزىرە رايونى جايلاشقان ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىشلىق ساياھەتتىكى يادرولۇق «مەھسۇلات» — قاناس قۇمقاناس گۈزەل قارلىق يېزا قار-مۇز ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنى بەرپا قىلىش ھېسابلىنىدىكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى