تىۋىتلىق ئۆتۈكنى ياقتۇرۇپ كىيىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تازىلاشنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. تۆۋەندىكى ئەپچىل چارىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز تىۋىتلىق ئاياغلارنى تازىلاشتا قىينالمايسىز.
بىرىنچى باسقۇچ: ئالدى بىلەن بۇلۇتتىن بىرنى تەييارلىۋېلىپ، بۇلۇت بىلەن تىۋىتلىق ئۆتۈكنىڭ يۈزىدىكى چاڭ-توزانلارنى تازىلىۋالىمىز.
ئىككىنچى باسقۇچ: ئاز مىقداردىكى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئاق ئاچچىقسۇنى 1:1 نىسبەتتە تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
ئۈچىنچى باسقۇچ: تەييارلىۋالغان سۇيۇقلۇققا بۇلۇتنى چىلاپ نەمدىۋالغاندىن كېيىن، ئۆتۈكنى ئوخشاش بىر يۆنىلىشتە چوتكىلايمىز.