شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يېڭىدىن يېشىللاشتۇرۇلغان، يېشىللىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 16 مىڭ 400 مو بولدى. مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەركىزىي شەھەر ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق، باغچىلاردا يېشىللىق قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «يېشىللاشتۇرۇش» تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، «يېشىللاشتۇرۇش» تۈرىنىڭ يىللىق پىلانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.
ئەسلىدىكى يىللىق ۋەزىپىگە ئاساسەن، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى «يېشىللاشتۇرۇش» تۈر پىلانى بويىچە يېڭىدىن 11 مىڭ 700 مو يەرنى يېشىللاشتۇرۇپ، 1300 مو يېشىللىقنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭىدىن يېشىللاشتۇرۇلغان، يېشىللىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 16 مىڭ 400 موغا، ۋەزىپىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %126كە يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق «يېشىللاشتۇرۇش» تۈرى ئىچىدە كىچىك باغچا ۋە يېشىل يول قۇرۇلۇشى بولۇپ، كىچىك باغچا قۇرۇلۇشىدا ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كوچا بويلىرىدىكى بوش ئورۇنلار ئۆزگەرتىلىپ، شەھەر ئاممىسىنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان؛ يېشىل يول قۇرۇلۇشىدا بولسا گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ ئاساس قىلىنغان مەنزىرە شەكىللىنىپ، پىيادىلەر يولىمۇ ياسالغان.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى