كۆپىنچە خانىم-قىزلار قىشتا بۇ خىل پاسوندىكى ئاياغلارنى ياقتۇرۇپ كىيىدۇ، بۇ خىل پاسوندىكى قىشلىق ئاياغلار ئىسسىق ھەم راھەت بولسىمۇ، تازىلاش سەل ئاۋارىچىلىق.
بىرىنچى باسقۇچ: چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ سوغۇق شامىلى بىلەن ئاياغدىكى چاڭ-توزانلارنى تازىلايمىز.
ئىككىنچى باسقۇچ: كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن سۇنى 1:10 نىسبەت بويىچە تەڭشەپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
ئۈچىنچى باسقۇچ: تۈكى يۇمشاق چوتكا ياكى بۇلۇتنى تەييارلىۋالغان سۇيۇقلۇققا چىلاپ، ئاياغنى بىر يۆنىلىشتە چوتكىلايمىز.
تۆتىنچى باسقۇچ: ئارقىدىن پاكىز ھۆل لۆڭگە بىلەن ئاياغ يۈزىدىكى سوپۇن قالدۇقىنى سۈرتىمىز.
بەشىنچى باسقۇچ: ئىسسىق شامالنىڭ ئاياغ يۈزىنى ئۇپرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ سوغۇق شامىلى بىلەن ئاياغنى قۇرۇتساق بولىدۇ.