شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونىدىن ئىگىلىشىچە، داۋانچىڭ رايونى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال ئارىسىدا 11-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي شەھەر ئارا پويىز قاتنايدىكەن. پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، داۋانچىڭ ۋوگزالىدىن ھەر كۈنى ئالتە قېتىم ماڭىدىكەن، بېلەت باھاسى 15 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
نۆۋەتتە، داۋانچىڭ رايونىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالغا قاتنايدىغان لىنىيەدىكى شەھەر ئارا تۆمۈريول ۋاقىتلىق بېكىتى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، ئىچىدىكى ئەسلىھە ئورنىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن، بۇ چاغدا داۋانچىڭ رايونىدىكى ئاھالىلەر ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىككى جاي ئارىسىدا قاتنىسا بولىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر شەھەر ئارا پويىز لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، يۈرۈشكە بىر سائەت كېتىدىكەن، داۋانچىڭ بېكىتىدە 40 مىنۇت ئەتراپىدا توختايدىكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى