تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى سەھەردە ئۆزلۈكىدىن قار تازىلىدى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. تۈنۈگۈن (11-ئاينىڭ 13-كۈنى) تاڭ سەھەر سائەت 4:30دا جاۋ خانىم قېلىن مامۇق چاپان، تېيىلمايدىغان ئاياغ، باش كىيىم، پەلەي كىيىپ، شارپا ئوراپ ئىشىكتىن چىقتى. ئۇ قوشنىلىرى بىلەن بىللە يولدىكى قارلارنى تازىلاشقا دېيىشىپ قويغان ئىدى.

    جاۋ خانىم بىلەن بىرلىكتە قار تازىلاشقا قاتناشقان يەنە ئۈچ قوشنىسى بولۇپ، ئۇلار ئون نەچچە مەھەللە خىزمەتچىسى ۋە تازىلىق ئىشچىسى بىلەن بىرلىكتە يولدا قار تازىلىدى.

  جاۋ خانىم بىلەن بىللە قار تازىلاۋاتقان بىر قوشنىسى مۇنداق دېدى: «بىز تازىلىشىپ بەرسەك، ئۇلار بەك ھېرىپ كەتمەيدۇ.

  سائەت 8:30 دا ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە تازىلىق ئىشچىلىرى داۋاملىق قار تازىلىدى. بۇ ۋاقىتتا 1-تۈركۈم ئۆزلۈكىدىن كېلىپ قار تازىلىشىپ بەرگەن ئاھالىلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ ئارام ئېلىشتى، ناھايىتى تېزلا يەنە بىر تۈركۈم شەھەر ئاھالىسى كېلىپ كۈچ ئۇلاپ ئۇلارغا ياردەملەشتى.

  مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي دوستلۇق يولى، پىڭدىڭشەن قاتارلىق تارماق رايون باشقۇرۇش كومىتېتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى قار-مۇز تازىلاشقا ئۆزلۈكىدىن قاتناشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى