شىنجاڭ شەھەر ئىستېمال سەھەر گېزىتى خەۋىرى: توقسۇ ناھىيەسىدە 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چارۋا مال-ئۆي قۇشلىرى سودا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى ۋە 1-نۆۋەتلىك «كالا تاللاش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ سەككىز يېزا، بازىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 800 تۇياق كالا ئېغىرلىقى، يۇڭىنىڭ رەڭگى قاتارلىق جەھەتلەردە باھالاشقا قاتناشتۇرۇلدى، ئەڭ ئاخىرىدا 135 تۇياق كالىنىڭ ئىگىسى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات 10 مىڭ يۈەن بولدى.
توقسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كالا بېقىشتا نامى بولۇپ، بۇ ناھىيە كۇچا، باي، شايار، بۈگۈر قاتارلىق ئەتراپتىكى ناھىيەلەر چارۋا مال-ئۆي قۇشلىرى سودىسى قىلىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ.
توقسۇ ناھىيەسى 40 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «چارۋا مال-ئۆي قۇشلىرى سودىسى، يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش، ئورگانىك ئوغۇتلارنى بىر تەرەپ قىلىش» بىرگەۋدىلەشكەن سودا مەركىزىنى قۇرغان بولۇپ، پىلاندىكى كۆلەم 300 مو بولغان.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى