تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىللىقلىق ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا ھەمراھ بولدى

 ــــ شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى خىزمىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز(2)

  مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، شيې خۇيبيەن

  10- ئاينىڭ 11- كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچى زۇنۇن ئابدۇسەمەت (ئوڭدا) ئۇرۇق- تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈش زالىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەكتە.

  (مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

  سەھنىدە، قارا رەڭلىك نىقابلىق كىيىم كەيگەن بىر ئايال بىر توپ چىرايلىق كىيىنگەن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزلارنىڭ تەسىرىدە، باتۇرلۇق بىلەن نىقابلىق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، جۇلالىنىپ تۇرغان كىيىملەرنى كىيىپ ياشلىق گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، شادىمانلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. 10- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىپ تەييارلىغان ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاۋاتاتتى.

  غەمخورلۇققا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ جىسمىدا ئىللىقلىق ئىزناسى بار بولۇپ، ئۇلار ئورۇنلىغان نومۇرلاردىن مۇخبىرلار تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ھېس قىلدى.

  تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇققا ئېرىشتى، بىلىم ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلىگەندىن باشقا، يەنە تەدرىجىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ساغلام پىسخىكىلىق ھالەتكە ئىگە بولدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ يۇرتىدا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ھەرتەرەپلىمە غەمخورلۇققا ئېرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، تۇرمۇشى گۈزەل بولدى.

  چىن مۇھەببەت ئارقىلىق ئازغانلارنىڭ روھىنى قايتۇرۇپ كېلىش

  شۇ كۈنى، تەربىيەلەنگۈچىلەر يەنە يۈرۈشلۈك مەنزىرە تىياتىرى ئورۇنلىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سەھىپىدە ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان بىر قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ھېكايىدىكى باش پېرسوناژ − 24 ياشلىق باھارگۈل ئەركىن تاماشىبىنلار ئورنىدا ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلدى.

  مودا تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىۋالغان باھارگۈل ئىلگىرى نىقابلىق كىيىم ئارقىلىق ئۆزىنى ئوراپ، كۆلەڭگە قاپلىغان قىزچاقلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. شۇ چاغدا، ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغان دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆزىدىن 40 ياش چوڭ «ياۋا ئاخۇن»غا ياتلىق قىلىۋېتىلگەنىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ناخشا- مۇزىكا، مودا كىيىم، گىرىم بۇيۇملىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانىدى، رادىيو ئاڭلىسىمۇ قاتتىق تاياق يەيتتى، ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىنى «مۇسۇلمانچە ئەمەس» دەپ قاراپ بارالمايتتى. ئۇ: مەن ناخشا ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم، كېيىن ئېرىم كاللامنى يۇيۇۋەتتى، ناخشا ئاڭلىسا «دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ قارىغاچقا، يەنە ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقىمۇ پېتىنالمايتتىم، دېدى. باھارگۈل بارا- بارا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپلا قالماي، يەنە باشقىلارغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەلەپ قىلغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە تەلەپ قويىدىغان بولدى.

  مۇخبىرلار بىلەن دۆلەت ئورتاق تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرغاندا، باھارگۈلنىڭ چېھرىدە تولۇپ تاشقان خۇشاللىق جىلۋىلەندى. مۇئەللىمنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆسۈپ يېتىلدى، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: نەچچە كۈن ئىلگىرى تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ، ھاياتىمدىكى بىرىنچى تۇغۇلغان كۈن تورتىنى تاپشۇرۇۋالدىم.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ۋاقتىدا تۇغۇلغان كۈن تورتى ياكى «ئېسىل» تۇغۇلغان كۈن ياغلىق نېنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈت، تۇخۇملىرىنى ئاشخانىغا بەرگەن. تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جىچېڭ مۇنداق دېدى: ھەممىسى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، شۇنداقلا يەنە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، بىز قۇتقۇزۇش، تەربىيەلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز.

  مۇئەللىمنىڭ غەمخورلۇقى تىلغا ئېلىنغاندا، خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ تەربىيەلەنگۈچىسى قارى ئابلەينىڭ تەسىراتى چوڭقۇر بولدى: «يۈرەك كېسىلىم قوزغىلىپ قېلىپ ھوشۇمدىن كەتتىم، مۇئەللىم ئەڭ تېز سۈرئەتتە مېنى مەركىزىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالاتتى، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئەتىگەن- كەچتە ۋاقتىدا دورا يېيىشىمنى تاپىلىدى، ھازىر كېسەللىك ئەھۋالىم كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.» ئۇ ياشلىرىنى سۈرتكەچ مۇنداق دېدى: مۇئەللىمنىڭ شۇنداق جاپالىق ھالدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرۇنقى قىلمىشلىرىمدىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولىمەن.

  مەمەتئابدۇللا ئەنۋەر بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ پىسخىك مەسلىھەتچىسى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەركەزدە مەخسۇس پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بار، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلىمىز. «دەسلەپكى گاڭگىراش، ئېسەنگىرەشتىن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىنكى بېسىمغىچە، يەنە ياخشى ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغىچە، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىز بىلەن ئوخشىمىغان تېمىدا پاراڭلىشىدۇ، يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق، تۈگۈنلەر بىر- بىرلەپ يېشىلىپ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنى كۆردى.»

  پىسخىك مەسلىھەتچىسىنىڭ مەخسۇس پىسخىكا يېتەكچىلىكى ئادەت يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ۋاقىتنى باشقۇرۇش، بېسىمنى پەسەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مائارىپ، ئۆيلىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي تېمىلارغىمۇ چېتىلىدۇ.

  مەمەتئابدۇللا پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ، ئارقىدىن بېيجىڭ سىفەن داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. «مېنىڭچە بىز ھازىر ناھايىتى مۇقەددەس بىر ئىش قىلىۋاتىمىز، بىز بىر كىشىلەر توپىنى قۇتقۇزۇۋاتىمىز، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتىمىز. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇشى نەتىجىلىك، پىسخىكىسى ساغلام بولۇپ، جەمئىيەتكە قايتسا گۈزەل تۇرمۇشىنى باشلىيالايدۇ.»

  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش

  10- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلار كۆرۈشۈش زالىغا كەلدى، ھەممە يەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندىكى خۇشال كۈلكە سادالىرىغا تولغانىدى. تەربىيەلەنگۈچى ئەكرەمجان ئەسقەر ئاتا- ئانىسى، خوتۇنى بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پولۇ، كاۋاپ يېگەچ، كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى، ئۇ يەنە رۇخسەت سوراپ ئۆيىنى يوقلىغانىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئائىلىسىگە كېلىپ، ئۇنى خاتالىقىنى تۈزىتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بالدۇرراق تەربىيەلىنىشنى تاماملاشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئەكرەمجان مۇنداق دېدى: بىز دائىم ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن تېلېفونلىشىپ تۇرىمىز، سىنلىق كۆرۈشىمىز ۋە يۈزتۇرا كۆرۈشىمىز، خوتۇنۇم يوقلاپ كەلسە يەنە «ئەر- خوتۇن ئۆيى» بار، مەنمۇ رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتالايمەن. بىز ھەرۋاقىت ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيمىز، ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىمىزنى بىلەلەيدۇ، ئۇچۇر راۋان بولغاچقا، ھەممىمىز خاتىرجەم.

  ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۆرۈشۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرى كۆرۈشۈش زالىدا تاللا بازىرى، ماگىزىن، يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى، ئويۇن قويۇش سەھنىسى، ياشانغانلار دەم ئېلىش رايونى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان. تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئادىمىيلىك غەمخورلۇقىدا تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش ھالىتى شەكىللەندى، ئۇلار بىرلىكتە ئۆزگىرىش تەسىراتلىرى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىشىپ، ئورتاق ئىلگىرىلىدى.

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ سانائەت رايونىدا، تەربىيەلەنگۈچى مەمتىمىن مەمەت ھازىر ئەتلەس زاۋۇتىنىڭ مەلىكىلىك ئىشچىسى، ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدىن 3000 دىن 4000 غىچە خەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئوقۇش- يېزىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس. «ھەر ئايلىق مائاشىمدىن ئازراق پارچە پۇل ئېلىپ قالغاندىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئائىلەمدىكىلەرگە بېرىمەن، بالىلىرىمنى ياخشى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئالدىنقى مەزگىلدە، ئۇ خوتەن تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە چوڭ ئوغلىنى كۆردى، ئوغلى دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 1- لىككە ئېرىشكەنىدى. مەمتىمىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ ئوغلى بىلەن ئۆگىنىشتە بەسلىشىشكە پۈتۈشكەنىدى، ئوغلى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ يېتىشىۋېلىشى كېرەك.

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئەتراپىدا يەنە قۇياش نۇرى يەسلىسى، قۇياش نۇرى باشلانغۇچ مەكتىپى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن، يەنە بىر قىسمى يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ بالىلىرى. «يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىش تەربىيەلەنگۈچىلەرنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈندۇر.» قۇياش نۇرى باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ فەن مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ مەكتەپتە ياتاق- تامىقى ھەقسىز، مۇئەللىملەرمۇ بالىلارغا ناھايىتى كۆيۈنىدۇ، نۇرغۇن بالىلار مۇئەللىمىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئانا»نى قوشۇپ چاقىرىدۇ.

  «بىز بالىلارغا، ئاتا- ئاناڭلار سىلەرگە ئوخشاش ئۆگىنىۋاتىدۇ، ناھايىتى ياخشى كۈتۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن ۋە ماھارەت ئۆگەنسە، كەلگۈسىدە ئائىلەڭلارنىڭ تۇرمۇشىنى باياشات، بەختلىك قىلالايدۇ، دېدۇق.» دېدى گاۋ فەن.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرى تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋاقتى قەرەلىدە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مۇخبىرلار لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە بىر جۈپ ئەر- خوتۇننى ئۇچراتتى. 24 ياشلىق نۇرنىسا تۇرسۇننىياز ئېرى ئابدۇسالام ئابدۇمىجىتنى يوقلاپ كەلگەنىدى، بۇ يىل 9- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۇلار باشقا ئون جۈپ ياش بىلەن بىللە تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنىدى. «خوتۇنۇم ئائىلىدە ئاتا- ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچقا، مەن تېخىمۇ خاتىرجەم ئۆگىنىۋاتىمەن، بىز بىللە ئۆگىنىپ، كېيىن دۆلەت ئورتاق تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كىم ياخشى سۆزلىيەلەيدىغانلىقى ھەققىدە پۈتۈشتۇق.» ئابدۇسالام مەيدىسىگە ئۇرغىنىچە ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇخبىرلارغا شۇنداق دېدى.

  ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى

  «رەھمەت دوختۇر، ئاۋايلاپ مېڭىڭ.» 10- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار خوتەن ناھىيەسى ئۇزۇن شور يېزىسى يېڭى بوستان كەنتىگە كەلدى، تەربىيەلەشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى تۇرسۇنباقى تۇرسۇنتوختىنىڭ دادىسى يېزىلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى تايىرجان تۇرسۇننى ئۇزىتىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار بولۇپ، تايىرجان ھەر يېرىم ئايدا ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ داۋالاشتىن كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ قوياتتى. «ئوغلۇم تەربىيەلەشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بوپتۇ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان بوپتۇ، ئەدەپلىك بولۇشنى ئۆگىنىپتۇ، ماڭا تېخىمۇ ۋاپادار بولۇپ كەتتى» دېدى بوۋاي تەسىرلەنگەن ھالدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا، يەنە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

  مەھەللىلەردە، يېزا- كەنتلەردە، شۇ جايدىكى كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە (مەھەللىدە) تۇرۇشلۇق كادىرلار تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە قانۇن يەتكۈزدى، سىياسەت يەتكۈزدى، ئىللىقلىق يەتكۈزدى، مەدەنىيلىك يەتكۈزدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىنىڭ ھەممىسى ئىللىقلىق خەۋەرلىرى بولدى − ئائىلىسىدە تېرىلغۇ يەرلەرنى تېرىيدىغان ئادەم بار بولدى، پەرزەنتلىرى ئوقۇيالايدىغان بولدى، چوڭلارغا قارايدىغان ئادەم بار بولدى، قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بار بولدى، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، تاملىرىدىكى جۇڭخۇا گۈزەل ئەخلاقى مەزمۇنىدىكى سىياھ رەسىملەردىن مەدەنىيەت پۇرىقى كېلەتتى، بازاردا مەززىلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ھىدى تارقىلىپ، ناخشا- ئۇسسۇللار ئۈزۈلمەيتتى، كەنتتىكى «بىنخې» كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى بازاردىنمۇ قىزىپ كېتەتتى... مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتىنىڭ كەيپىياتى يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە راھەت، زامانىۋى ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتاتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ غولمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ يى مۇنداق دېدى: تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلىگە خىزمەت ئەترىتى مەسئۇل بولىدۇ، چوڭى ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىنچىلىقتىن تارتىپ، كىچىكى ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، قېيىنئانا- كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلگىچە ھەممىسىنى بىر- بىرلەپ ھەل قىلىدۇ.

  پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مەمەتئىمىن مامۇتنىڭ چوڭ ئوغلى ئەيسا كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتاتتى، بالىسى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقاچقا، بوۋاي بىر مەزگىل كەنتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى. ئەمما ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىدىيەسىدىكى يۈكنى چۆرۈپ تاشلىدى، كەنتتە كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇپ، ئۇ كەنت ئاھالىلەر ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى؛ كەنتتە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سۈپەت نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندا، ئۇ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاي يەنە ئەمىن ئۆي ئېتىبارلىق سىياسىتىدىن بەھرىلىنىپ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  مەمەتئىمىن مامۇت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى دائىم كېلىپ ئائىلەمدە قىيىنچىلىق بار- يوقلۇقىنى سورايدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يەنىلا ماڭا شۇنداق ئىشىنىدىكەن، يەنىلا ئائىلەمگە شۇنداق كۆيۈنىدىكەن. مەن ئوغلۇم ئەيساغا چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن قەتئىي ھالدا ئادا- جۇدا بولۇپ، ياخشى ئادەم بولۇشنى تاپىلىدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى