تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

  سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەنى ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ «ئۆزگەرمىدى» ئىلمىي ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماي، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ ئەقىل- تەدبىر كۆرسىتىش، بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىمپورت- ئېكسپورت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى يېڭى نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇننىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئاياللارنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال ئاتلىنىش، تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەكلىپ خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 7- قېتىملىق تەكلىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكلىپ سۈپىتى ۋە تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تەكلىپنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارىسىدا بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان، خىزمەتتە نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جانلىق، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى داۋاملىق كېلەر يىللىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشتىكى ھەرقايسى قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى